✦ بالىلار ئۈچۈن خاتىرجەم ۋە كۆڭۈللۈك ئۆگىنىش مۇھىتى

چىگرا ھالقىغان دوستلۇق

چىگرا ھالقىغان دوستلۇق

چىگرا ھالقىغان دوستلۇق

<بىرلەشكەن قەلبلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەردىنمۇ كۈچلۈكتۇر>.قېرىنداشلىقنىڭ تىل،ئىرق،چىگرا ئايرىمىسى يوقتۇر.<تاڭنۇرى تەلىم - تەربىيە مەركىزى>مىزنىڭ چىگرا ھالقىغان قېرىندىشى،قىزغىن قوللىغۇچىسى <ھېندونېزىيە ACT تەشكىلاتى> بۈگۈن (2021-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ) مەركىزىمىزنى زىيارەت قىلدى.ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئادەتتىكىدىن بۇرۇن مەكتەپكە كېلىپ مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن تەقەززا بولۇشتى.مېھمانلار كەلگىنىدە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدۇق.ACT تەشكىلاتى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن پىكىرلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ زېرەكلىكى ۋە ئەقىللىقلىقىغا،ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىدىكى ۋەتەن سۆيگۈسىگە قايىللىقىنى ئىپادىلىدى ،مىللىتىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە خەيىرلىك دۇئالارغا قول كۆتۈردۇق.ئاللاھ چىگرا ھالقىغان دوستلۇقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرگە ۋەسىلە قىلغاي.

رەسىملەر