
بەردەمجاننىڭ ئانا يۇرتقا سەپىرى
گەرچە ھەركۈنى قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار،تەرىپلەشكە چارىسىز قالىدىغان سېغىنىشلار ۋە ھارغىنلىقلار ئىچىدە تۇرساقمۇ لېكىن قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئانا تۇپراق ۋە قوۋم-قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قايتا دىدارلىشىش ئۈمىدى ھەرۋاقىت يالقۇنجاپ تۇرىدۇ.
مۇھاجىرەتتە دۇنياغا كەلگەن،ۋەتەننى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان تۇرۇقلۇق بىز بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا ۋەتەن بىلەن تۇنجى دىدارلىشىش پەيتلىرىنى قەلەمگە تۆكتۇق...بەلكىم ئۇ ھېسلار قەلەم بىلەن ئىپادە قىلىنمىغۇدەك دەرىجىدە چوڭقۇر،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە گۈزەل بولۇشى مۇمكىن.شۇنداقتىمۇ «ئانا تىل كۈنى » مۇناسىۋىتى بىلەن پاراسەتلىك ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزگە ئازغىنە كۆڭۈل سوۋغىمىزنى تەقدىم قىلالىغىنىمىز ئۈچۈن ئالەمچە خۇرسەنمىز.
«تاڭنۇرى تەلىم - تەربىيە مەركىزى» مىز تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىپ نەشىر قىلىنغان «بەردەمجاننىڭ ئانا يۇرتقا سەپىرى»ناملىق بالىلار ھېكايە كىتابىمىز پات يېقىندا ھۇزۇرۇڭلاردا
